خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14- نويابىر ئەتىگەندە، شىنجاڭ ئالتاي شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى تارماقلىرى چوڭ تىپتىكى قار تازىلاش ماشىنىلىرى بىلەن يىغىلىپ قالغان قارلارنى تازلىماقتا. شۇ كۈنى، سائەت 6 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 14-نويابىردىن 15-نويابىرغىچە ئىلى دەريا ۋادىسى، تارباغاتاينىڭ شىمالى، ئالتاي قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قېلىن قار ياغىدىغانلىقى، قىسمەن جايلاردا شىۋىرغان چىقىدىغانلىقىدىن مەلۇمات بەردى. كەلگۈسى 24 سائەتتە، تارباغاتاينىڭ شىمالى، ئالتاينىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارلىق شىۋىرغان كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى چوڭ بولۇپ، چارۋىچىلىق ۋە قاتناش-تىرانسپورت ئىشلىرىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئالتاي شەھىرى 10-نويابىردىن بۇيان ئالتايدا ئۇدا قارلىق شىۋىرغانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەر قايسى يېزا - بازار، چارۋىچىلىق تارماقلىرىنى تەشكىللەپ، مۇددەتتىن بۇرۇن مال-چارۋىلارنى قىشتىن بىخەتەر ئۆتكۈزۈش، يەم ـ خەشەكلەرنى زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يەم - خەشەك زاپىسىنىڭ يېتەرلىك بولۇشى، مال - چارۋىلارنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە پۇختا تەييارلىق قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى