باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سېھىرلىك شىنجاڭ، سېھىرلىك «يىپەك يولى» ساياھەتچىلىكى «شەرىق يۇلتۇزى» شاڭخەينى زىل-زىلىگە سالدى

2016.11.15 16:28   مەنبە: خەلق تورى

سېھىرلىك شىنجاڭ، سېھىرلىك «يىپەك يولى» ساياھەتچىلىكى «شەرىق يۇلتۇزى» شاڭخەينى زىل-زىلىگە سالدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى) 11-نويابىر، شاڭخەي يېڭى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى 2-زالىنىڭ شىنجاڭ كۆرگەزمە ئورنىدا، شادىيانە مۇزىكا ساداسىغا تەڭكەش ئورۇندالغان ئۇيغۇر ئۇسسۇلى شۇ كۈنى بۇ يەردە باشلانغان 2016-يىللىق شاڭخەي خەلقئارا ساياھەت بايرىمىغا كەلگەن مېھمانلار ۋە كۆرگەزمە ئەھلىنى جەلپ قىلدى. نۇرغۇن مېھمانلار ۋە كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىلار ئۇسسۇلچىلار بىلەن بىرگە ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، يېيىشلىك قۇرۇق يەل- يېمىشلەرگە ئېغىز تېگىپ، سېھىرلىك شىنجاڭنىڭ، سېھىرلىك «يىپەك يولى»نىڭ سېھرىدىن بەھىرلەندى.

  شۇ كۈنى باشلانغان ساياھەت بايرىمىغا ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئىلى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، بايىنغولىن ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق سەككىز ۋىلايەت ئوبلاست، شەھەر ۋە شىنجاڭ جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى، شىنجاڭ غەربىي دىيار خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى، شىنجاڭ كاڭخۇي خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى قاتارلىق كۆپلىگەن ساياھەت كارخانىلىرى ئۆمەك باشلاپ قاتناشتى. 300 دىن ئارتۇق ئادەمدىن تەركىپ تاپقان زور تىپتىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بولغان شىنجاڭ ساياھەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شەرق يۇلتۇزى بولغان شاڭخەيدە شىنجاڭ قىزغىنلىقىنى يەنە بىر يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

  شىنجاڭ غەربىي دىيار خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى كۆرگەزمە مەيدانىدا 100 مىڭ تال ئېتىبار بېرىش ساياھەت كارتىسى تارقاتتى. بۇ ئېتىبار كارتىسىدا شاڭخەيلىك ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ بولغاندا يېرىم باھادا ساياھەت قىلالايدۇ. سانجى ئوبلاستىمۇ بۇ نۆۋەتلىك ساياھەت بايرىمىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن تۇنجى بولۇپ ئۆز ئالدىغا ساياھەت تەشۋىقات يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئوبلاست بولۇپ قالدى.

  خەلقئارا ساياھەت ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى زالىدا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، ئەزەربەيجان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن سىرت يەنە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئورۇن ئالغان بولۇپ، ساياھەت بايرىمىنىڭ تۇنجى كۈنى شىنجاڭ كۆرگەزمە ئورنىغا كەلگەن ئۆزبېكىستان «كارۋان» ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇرېشىت يۈسۈپوف ماڭا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر يول، بىر بەلباغ» سىياسىتى جۇڭگوغىلا پۇرسەت ئېلىپ كەلمەي، ئۆزبېكىستانغىمۇ پۇرسەت ئېلىپ كەلدى دەپ قارايمەن، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ساياھەت ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، شىنجاڭدىن ئۆزبېكىستانغا ساياھەتكە كېلىدىغانلار يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان شىددەت بىلەن ئاشتى.

  جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى ناھايىتى مول، قازاقىستان بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ساياھەت ھەمكالىقىدىكى پۇرسەت ناھايىتى زور. بۇ يىل قازاقىستان جۇڭگونىڭ ساياھەت نىشانى دۆلىتى بولدى، بۇنىڭ بىلەن قازاقىستانغا كەلگەن جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى زور نىسبەتتە ئاشتى،- دېدى 2017-يىللىق ئاستانە دۇنيا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رۇشەن سارتىۋا ماڭا.

  بۇ نۆۋەتلىك ساياھەت بايرىمى شىنجاڭدىكى ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ دۇنيا ساياھەت سەھنىسىدە ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان يەنە بىر سەھنە بولدى. شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى ناھايىتى مول. دۆلىتىمىزنىڭ «بىر يول، بىر بەلباغ» ئىستراتېگىيەسىدە «يىپەك يولى»نىڭ مەركىزىگە جايلاشقان جۇڭگو شىنجاڭنى قانداق قىلىپ دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقىنى قانداق قىلىپ خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇش بىزگە قويۇلغان مۇھىم ۋەزىپە. ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ئىقتىساد تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ زور ياخشىلىنىش بولۇۋاتىدۇ. شىنجاڭنىڭ ساياھەت كۈتۈۋېلىش مۇئەسسەسىلىرىمۇ زور دەرىجىدە ياخشىلىنىۋاتىدۇ. بۇ بايرام شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقلىرىنى چەت ئەلگە تونۇشتۇرىدىغان زور پۇرسەت بولدى دەپ ئويلايمەن، بولسا مۇشۇنداق خەلقئارالىق ساياھەت بايراملىرىغا كۆپلەپ قاتناشساق، پارتىيە، ھۆكۈمەت شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان سورۇننى كۆپلەپ يارىتىپ بەرسە شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ، شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىدىغانلار تېخىمۇ كۆپىيىدۇ،- دېدى، شىنجاڭ جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتۇرى تاشپولات تۇرسۇن.

  ئىگىلىشىمچە، ئۈچ كۈنلۈك بايرام جەريانىدا شىنجاڭ كۆرگەزمە ئورنىغا 80 مىڭ (قېتىم) زىيارەتچى قەدەم تەشرىپ قىلغان.

  سۈرەتتە: شىنجاڭ ساياھەت تەشۋىقاتى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە كەلگەن يولۇچىلار بۇ يىل 4 مىليون 240 مىڭ…
    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتىدا ئىنستىتۇت، فاكۇلتېت مەمۇرىي رەھبەرلىرىنىڭ مەمۇرىي دەرىجىسىنى بىكار قىلىش سىن…
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى
    ·ئۆزبىكىستاندا بىرىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى
    ·ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: پەن-تېخنىكا خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ م…
    ·لى كېچياڭ قىرغىزىستاندىكى زىيارىتىنى باشلىدى
    ·ئۈچ مىنىسىتىرلىق كومىتېت «مائارىپ خىراجىتىنى ئىستاتىستىكا قىلىش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە كۈچەي…
    ·جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۇقىرى باھا بەردى
    ·جۇڭگو -تۈركىيە ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى سودا ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شۇ ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ…
    ·پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى 3-قېتىم قاراپ چىقىلدى