خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز روزىھاجى نەزەر خەۋىرى) 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بىڭتۈەن 3-شىسى پەيزاۋات باش مەيدانىنىڭ 6000 مو كېلىدىغان چىلانلىق بېغىدا چىلانلارنى يىغىش ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، پەيزاۋات باش مەيدانى چىلىنىنىڭ قەنت تەركىبى ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى بولۇش بىلەن بىللە، يەنە سۈپىتىمۇ ياخشى ئىكەن. نۆۋەتتە، پەيزاۋات باش مەيدانىنىڭ مېۋىگە كىرگەن چىلانلىق كۆلىمى 6000 موغا يەتكەن بولۇپ، مەھسۇلاتنى ئالدىن مۆلچەرلەشكە قارىغاندا 2016-يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 1600 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 400 توننا ئېشىپ، يامغۇر كۆپ ياغقان، تەبئىي ئاپەت كۆپ يۈز بەرگەن يىلدىمۇ ئىشچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ يەنە ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
سۈرەتتە: چىلان يىغىش مەيدانىدىن كۆرۈنۈش.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى