باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش داۋاملىق چوڭقۇرلاشماقتا

−−ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىۋاتىدۇ، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتىدۇ

2016.11.16 16:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ئۆز خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇردى. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشقا قارىتا كونكرېت تەدبىرلەرنى بېكىتىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ ساقلاپ ئولتۇرماي، تايىنىۋالماي، يۇقىرىنىڭ روھىنى پەقەت يىغىن، دوكلات قاتلىمىدىلا ئىزچىللاشتۇرۇشنى قەتئىي تۈگىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى قانداق كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئاجىز ھالقىلارنى پائال سېلىشتۇرۇپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، ئۆزگەرتىپ، «مىزان»، «نىزام»نى كۈچلۈك قورالغا ئايلاندۇرۇپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى چەكلەشنى كۈچەيتىپ، «تۆت خىل ھالەت»نى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈزۈمنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ ئىنچىكلەشتۈرۈپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىشنى تەلەپ قىلدى. ھازىر ئىلى ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاشكارا ھەم يوشۇرۇن ھالدا ھەر قايسى ناھىيە، شەھەر، تارماقلاردا نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتەك كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىڭ روھىنى ئىلى ئوبلاستىدا تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  جىمىسار ناھىيەلىك پارتكوم پارتىيە ئىنتىزامى، پارتىيە قائىدىسىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، مەركىزىي گۇرۇپپا ئومۇمىي يىغىن روھى ۋە «مىزان»، «نىزام»، «ئۈزۈندىلەرنى بايان قىلىش»نى ئۆگىنىشنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇردى. ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ناھىيەلىك تەنتەربىيە سارىيىدا «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان» پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆگىنىش، تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا پارتىيە نىزامنامىسى تەربىيەسى، ئىنتىزام تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى؛ «<بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن تۇتۇش>نى دائىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئېلان قىلىپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر تەربىيە قىلىش، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىشنى دائىملاشتۇرۇش خىزمەت چارىسىنى ئورناتتى. «خىزمەت ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ نۇقتىلىق خىزمەت ئورنى، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ رەتكە سېلىپ ئېنىقلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقى تىزىملىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.

  چاقىلىق ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتە ئاچقۇچ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ پىرىنسىپىنى، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشنىڭ ئاساسىي تەلىپىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىن روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق «مىزان» ۋە «نىزام» نى ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە باشلامچىلىق بىلەن ئەمەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشتا، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر