باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن مىكروسوفت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى نادرا بىلەن كۆرۈشتى

2016.11.16 15:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن تۈنۈگۈن بېيجىڭدا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى نادرا بىلەن كۆرۈشتى.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارى ئىنتېرنېت تەرەققىياتىنى تەرتىپكە سېلىش تەشەببۇسى كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشتى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىنتېرنېت چوڭ دۆلەتلىرى، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش-ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئىككى تەرەپ ئېچىۋېتىشچان، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تور بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مىكروسوفت شىركىتى تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىگە ئىگە، مەن مىكروسوفت شىركىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئىلغار تېخنىكىلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  نادرا جۇڭگونىڭ ئىنتېرنېت تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ماختىدى ھەم مۇنداق دېدى: مىكروسوفت شىركىتى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ شۇنداقلا بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە بىخەتەر، ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئامېرىكا-جۇڭگو ئەمەلىي ھەمكارلىقى، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر