باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز كادىرلارنى ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىپ چېنىقتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2016.11.16 16:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كادىرلارنى ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىپ چېنىقتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماق، ئورۇنلار ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن يۆلەش - ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە، شەھەر، ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا تاللاپ ئەۋەتىلىدىغان كادىرلارنى ئۇزىتىپ قويدى ۋە ئۇلارغا مەدەت بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا يېڭى نەتىجە قازىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يېڭى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ باشلامچىلىق بىلەن خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، پاك - دىيانەتلىك بولۇش ئېسىل ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەش؛ تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.

  مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە دائىر تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماق، ئورۇنلارنىڭ كەنتلەرنى ھۆددىگە ئېلىش، نۇقتىدا نامراتلارنى يۆلەش مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك تارماق، ئورۇنلاردىن 32 كادىرنى دۆلەتنىڭ يۆلەش - ئېچىشتىكى 32 نۇقتىلىق ناھىيە، شەھەرگە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، مەخسۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلدى. يەرلىكنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن 21 يولداشنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە قىسمەن ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەرگە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ئاساسلىقى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلىشىدۇ.

  سۆھبەت يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداش دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش - ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئومۇمىي ئەھۋالى، يېڭى يۆلەش ئوبيېكتلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە سىياسىتى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى تونۇشتۇردى. ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىپ چېنىقىدىغان تۆت كادىر ۋە ئۇلارنى تاللاپ ئەۋەتكەن ئىككى ئىدارىنىڭ ۋەكىلى پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆز قارىشىنى بەھۇزۇر سۆزلەپ، نەتىجىلەردىن بەھرىمەن بولۇپ، ئەۋەتىلىدىغان كادىرلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر