باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئىقتىساد مىنىستىرى 2 مىليون دوللار پارا ئالغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى

2016.11.16 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى 15-نويابىر سەھەردە، رۇسىيە ئىقتىساد- تەرەققىيات مىنىستىرى ئالېكسى ۋالىنتىنوۋىچ ئۇليۇكايېفنىڭ بىر ئېنېرگىيە كارخانىسىنى سېتىۋېلىش سودىسىدا 2 مىليون دوللار پارا ئالغانلىقى سەۋەبلىك، بىر كۈن بۇرۇن قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

  رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇليۇكايېف سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن بۇيان رۇسىيەدە قولغا ئېلىنغان دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ئەمەلدار ئىكەن.

  رۇسىيە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى بىر پارچە باياناتتا، دۆلەت ئىلكىدىكى رۇسىيە نېفىت شىركىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن نېفىت باش شىركىتىنىڭ %50 پېيىنى سېتىۋالغاندا، ئۇليۇكايېف باشقۇرۇۋاتقان ئىقتىساد-تەرەققىيات مىنىستىرلىقى بۇ سودىغا قارىتا «ئاكتىپ باھا» بەرگەن بولۇپ، بۇ يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنگە ئوخشاش بولغان، ئۇليۇكايېف بۇنىڭدىن «تاپان ھەققى» ئېلىشقا چېتىلغان.

  تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇليۇكايېفنىڭ پارا ئالغان ۋاقتى 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 14- كۈنى، پارا ئالغان سوممىسى 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، دەپ ئەيىبلىدى. بۇ قانۇن ئىجرا ئورگىنى ئۇليۇكايېفقا قارىتا دېلو تۇرغۇزدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر