باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ما كەي فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى بىلەن كۆرۈشتى

2016.11.16 13:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-قېتىملىق جۇڭگو-فىرانسىيە ئالىي دەرىجىلىكلەر ئىقتىساد مالىيە سۆزلىشىشىگە قاتنىشىۋاتقان گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ما كەي تۈنۈگۈن پارىژدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى بىلەن كۆرۈشتى.

  ما كەي مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ جانابلىرى يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن قېتىم ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇپ ۋە كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدە كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو فىرانسىيەنىڭ مۇھىم تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش كېلىشىمنامىسى»نىڭ 15-ماددىسىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا دەۋەت قىلىشى ھەمدە ئادىل، ئاشكارا، كەمسىتىش بولمىغان يەنە كېلىپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خەلقئارا سودا تەرتىپى ئورنىتىشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ھوللاندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە جۇڭگو بىلەن ئېنېرگىيە، سودا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. فىرانسىيە جۇڭگونىڭ فىرانسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يادرو تېخنىكىسىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يادرو ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋرىنى باشلاشقا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر