باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئەدلىيە جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىش دەۋاسىدا ئۇتۇپ چىقتى

قانۇن چىقىرىش كومىتېتىدىكى ئىككى ئەزانىڭ سالاھىيىتى بىكار قىلىندى

2016.11.16 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى يېقىندا سوتقا ئەرز سۇنۇپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن چىقىرىش كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ قەسەم بېرىش ۋەقەسىگە ئەدلىيە جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى يۇقىرى سوت مەھكىمىسى 15-نويابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00لەردە دېلوغا ھۆكۈم چىقىرىپ، ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش ئالدىدا تۇرغان لياڭ سۇڭخېن بىلەن يۇ خۇيجېننىڭ قانۇن چىقىرىش يىغىنىدا بەرگەن قەسىمىنىڭ شياڭگاڭنىڭ نېگىزلىك قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بېكىتىپ، ئىككەيلەننىڭ قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىدى.

  يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامىسىگە قارىغاندا، 10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، لياڭ سۇڭخېن، يۇ خۇيجېننىڭ ئەزالىق سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغان ۋە ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان. ھۆكۈمنامىدە يەنە مەنئى قىلىش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ، لياڭ سۇڭخېن، يۇ خۇيجېننىڭ قانۇن چىقىرىش كومىتېتى ئەزالىق سالاھىيىتى بىلەن ئىش قىلىشى چەكلەنگەن.

  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈەن گوچياڭ بىلەن بىرلىشىپ، 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەدلىيە جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى لياڭ جۈنيەندىن لياڭ سۇڭخېن، يۇ خۇيجېن ئىككەيلەننىڭ قايتىدىن قەسەم بېرىش كېسىمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە ئىككەيلەننىڭ كومىتېت ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر