باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋاڭ يى تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى

2016.11.16 13:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان، زۇڭلىسى يىلدىرىم ئەنقەرەدە دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ۋاڭ يى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

  ئەردوغان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرىنىڭ ئۆزئارا زىيارىتىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق روھى بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، شەرقىي ۋە غەربىي تۆمۈر يولنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق مۇھىم تۈرلەردىكى ھەمكارلىقىنى تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ بىر يول» ۋە «ئارىدىكى كارىدور» قۇرۇلۇشىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ساياھەت، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىخەتەر قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىر بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ ۋە ئۆزئارا قوللايدۇ. يىلدىرىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپنىڭ يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك تۇتاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، شەرقىي ۋە غەربىي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى يېڭى دەۋردىكى ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى يىپەك يولىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ مەقسىتى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ كېڭىشىش مېخانىزمىنى باشلاش. جۇڭگو تۈركىيە بىلەن بىرگە يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسىنى ساقلاپ، قەدىمىي يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، بىر بەلباغ بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇپ. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى گۈللەندۈرۈش، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر