باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاقىلىق چىلىنى ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

2016.11.16 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل مەمىتىمىن خەۋىرى) 13- نويابىر، گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدىن يەنە خوش خەۋەر كەلدى. شىنجاڭ چاقىلىق چياڭدۇ چىلانچىلىق شىركىتى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرغان چاقىلىق چىلىنى ئالاھىدە ئەلا سۈپىتى بىلەن چىلان تۈرىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ، بايىنغولىن ئوبلاستىمىز تەۋەسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىردىنبىر مەھسۇلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ئۈچ كۈن داۋاملاشقان 2016-يىللىق گۇاڭجۇ شىنجاڭ ئالاھىدە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇشتۇرىدىغان مۇھىم كۆزنەكلەرنىڭ بىرى. بۇ شىنجاڭنىڭ چىلان، نەشپۈت، ياڭاق، قۇرۇق ئۈزۈملىرى ۋەكىللىكىدىكى ئالاھىدە قۇرۇق مېۋە -چېۋىلىرىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىكى بولسا، « ئىنتېرنېت تورىدا شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى»نى ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە ئالتە كارخانا ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھەرقايسى تۈرلەردە 4000 توننا يەل-يېمىش سېتىش-سېتىۋېلىش كېلىشىمى تۈزدى. نەق مەيداندا 1500 توننا يەل-يېمىش سېتىش-سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاندى، توختامدىكى پۈتۈشۈش سوممىسى 45 مىليون يۈەنگە يېتىپ، كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر