باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قازاقىستان زۇڭتۇڭى: رايون سىياسىي توقۇنۇشى خەلقئارانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى

2016.11.16 13:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېف تۈنۈگۈن ئاستانىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى رايون سىياسىيسى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەتلەر ئارىسىدىكى رايون سىياسىيسى رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى خەلقئارانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىردەك تىرىشقاندىلا ئاندىن تېررورىزم ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ.

  نەزەربايېف مۇنداق دېدى: ھازىر دۆلەت بىلەن دۆلەت ئارىسىدىكى رايون سىياسىيسىنىڭ رىقابەت ئۈزلۈكسىز ئېغىرلاشماقتا، بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچنى ئېغىرلىتىۋەتتى ھەمدە خەلقئارا ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ كۆپ ئېنىقسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. تېررورىزم دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق مەسىلە ۋە خىرىسقا ئايلاندى. ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇنىڭغا قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر