باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 40 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

2016.11.16 16:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 40 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي خەلق ئىلىم - پەن ساپاسى ھەرىكەت پىلانى تېزىسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى لايىھەسى (2016 - 2020 - يىلى)»، «ئاپتونوم رايوننىڭ رادىياتسىيە ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ جىددىي ماددىي ئەشيالار زاپىسىنى باشقۇرۇش چارىسى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كاپالەتلەندۈرۈش پۇلىنى يىغىش، ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش چارىسى» ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى» مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۇقرالارنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆلچەيدىغان ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ، پۇقرالارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك ئۇل قۇرۇلۇشىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە توغرا رەھبەرلىكىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ياخشىلاش خىزمىتىدە بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. 2015 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىلىم - پەن ساپاسىنى ھازىرلىغان پۇقرالارنىڭ نىسبىتى %3.97كە يېتىپ، 2010 - يىلىدىكى %1.2 بىلەن سېلىشتۇرغاندا 2.31 ھەسسە ئېشىپ، «12 - بەش يىل» مەزگىلىدە بېكىتىلگەن %2.28 لىك نىشان، ۋەزىپە نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى.

  يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئاپتونوم رايون پەن - تېخنىكا تەربىيەسى، تارقىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، يېڭىلىق يارىتىشچان شىنجاڭ قۇرۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان پۇقرالارنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ، ئۇل ئەسلىھە، شارائىت كاپالىتى قاتارلىق سىستېمىلارنى ئورنىتىدۇ، پۇقرالار ئىلىم - پەن ساپاسى قۇرۇلۇشىدىكى جامائەت مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدۇ.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئاپتونوم رايوننىڭ جىددىي ماددىي ئەشيالار زاپىسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، مۇكەممەل جىددىي ماددىي ئەشيالار زاپىسىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا كېرەكلىك ماددىي ئەشيا كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئالاقىدار قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ماددىي ئەشيا زاپىسىنىڭ تارقاق، قېلىپلاشماسلىق ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا «ئاپتونوم رايوننىڭ جىددىي ماددىي ئەشيالار زاپىسىنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنىشى تارماقلارنىڭ جىددىي ماددىي ئەشيالار زاپىسى تۈرلىرىنى يەنىمۇ ئېنىقلاشقا، جىددىي يۆتكەش، تولۇقلاش مېخانىزمى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، بايلىقلارنى يەنىمۇ تەرتىپكە سېلىپ، مەبلەغ تېجەشكە، تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا كېرەكلىك ماددىي ئەشيا كاپالىتى ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر