قىرغۇچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى يۈ شۈ (ماتېرىيال سۈرەت).خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇچۇش مەشىقىدە بەختكە قارشى قۇربان بولغان قىرغۇچى 10 _ تىپلىق ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى يۈ شۈ ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تەستىقلاندى.
يۈ شۈ جۇڭگو تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى قىرغۇچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى بولۇپ، قىرغۇچى 10 _ تىپلىق ئايروپىلاننى ھەيدەپ كۆكتە ئۇچقان تۇنجى ئايال ئۇچقۇچى. يۈ شۈ 1986-يىلى سىچۇەننىڭ چوڭجۇدا تۇغۇلغان، 2005-يىلى قىسىمغا كىرگەن، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ تۆت خىل ئايروپىلاننى ھەيدەپ ئۇچقان، ئىككى قېتىم ئۈچىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى