باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيە ئافرىقا نۇسخىدىكى مارشال پىلانىنى ئېلان قىلدى

2016.11.16 13:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەرەققىياتقا ياردەم بېرىشنى زورايتىش ئۇسۇلى بىلەن نۆۋەتتىكى مۇساپىرلار كىرىزىسىغا تۈپتىن تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات مىنىستىرلىقى يېقىندا باشلامچىلىك بىلەن بۇ دۆلەتتىكى بىر تۈرلۈك «ئافرىقا نۇسخىسىدىكى مارشال پىلانى»نى ئېلان قىلماقچى بولدى. ئىگىلىنىشىچە، گېرمانىيە كەلگۈسىدە 120 مىليارد ياۋرو ئاجرىتىپ ئافرىقىغا ياردەم بېرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئافرىقا نۇسخىسىدىكى مارشال پىلانى خەلقئارادىكى داڭلىق ئاقىللار ئامبىرى رىم كۇلۇبى بىلەن گېرمانىيە ئىقتىساد كېڭەش پالاتاسى بىرلىشىپ تاماملىغان نامداش تەتقىقات دوكلاتىدىن كەلگەن. دوكلاتنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى، گېرمانىيە ئىقتىساد كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى رادماچېر: كېلەر يىلىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئافرىقا باشلىقلار يىغىنىدا «ئافرىقىنىڭ كەلگۈسى فوند»نى تەسىس قىلىش ھەمدە 2030-يىلىغىچە تىرىشىپ، پەقەت گېرمانىيەدىن ئىبارەت بىر دۆلەتنىڭلا ئومۇمىي سوممىسى 120 مىليارد ياۋرو مەبلەغ چىقىرىشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتخانىسى ياۋروپا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈي خوڭجيەن مۇنداق دەپ قارىدى: قارىماققا بۇ سان ناھايىتى چوڭدەك كۆرۈنىدۇ، بىراق بىز ئافرىقىنىڭ ناھايىتى كەڭ بىر چوڭ قۇرۇلۇقلۇق ئىكەنلىكى، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ھازىر نامراتلىق مەسىلىسىدىن باشقا يەنە بىر قىسىم سىياسەت مۇقىم بولماسلىقتەك ئامىللارغا جۈملىدىن بىر قىسىم رايون توقۇنۇشىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ناۋادا ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، بۇ پۇل بىلەن ئەمەلىيەتتە گېرمانىيەنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش تەس.

  بۇ يىل يانۋاردىن بۇيان، ئافرىقىلىق تەخمىنەن يۈز مىڭ مۇساپىر دېڭىز يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا بارغان، بۇ سان يەنە كۆپىيىۋاتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر