باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بۇلغارىيەنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن كېيىنكى سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ يۆنىلىشى كۈچلۈك دىققەت-ئېتىبارنى قوزغىماقتا

2016.11.16 13:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇلغارىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتى 14-نويابىر بۇلغارىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشىدىكى دەسلەپكى ئىستاتىستىكا نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، ئۆكتىچى پارتىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسى قوللىغان نامزات رادوۋ %59.35 ئاۋازغا ئېرىشىپ، بۇلغارىيەنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. ھازىرقى پارلامېنت رەئىسى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ياۋروپا تەرەققىيات پۇقرالار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى چاچېۋا %36.17 ئاۋازغا ئېرىشتى.

  سايلام كومىتېتى 16-نويابىر رەسمىي سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ. رادوۋ كېلەر يىلى 22-يانۋار قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، بەش يىللىق زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى باشلايدۇ. بۇلغارىيەنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى پىلېۋنېلىيېۋ 14-نويابىر زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان رادوۋ بىلەن ئۇچراشتى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى تەرەپ بورىسوف ھۆكۈمىتى ئىستېپا بەرگەندىن كېيىنكى ئۆتكۈنچى مەزگىللىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.

  بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن رادوۋ پارتىيە-گۇرۇھسىز، ئەمما مۇتەئەسسىپ ئۆكتىچى پارتىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. رادوۋ بۇرۇن بۇلغارىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولغان، بۇ يىل 8-ئايدا ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن سىياسىيغا ئارىلاشقان. رادوۋ سايلام جەريانىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئوتتۇرا ئوڭچى ھۆكۈمەت ئىسلاھاتىنى «بەك ئاستا» دەپ ئەيىبلىگەن، بولۇپمۇ داۋالىنىش ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى ئىسلاھات ئۇزاق مەزگىل توختاپ قالدى، دېگەن. ئۇ ھازىرقى ھۆكۈمەت بۇلغارىيەنى «ياۋروپادىكى كۆچمەنلەر مەھەللىسى»گە ئايلاندۇرۇپ قويدى، دەپ ئەيىبلەپ، زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ قالسام، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىمەن ھەمدە مۇددەتتىن بۇرۇن پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزىمەن، دېگەن. ئۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنى جازالاشنى توختىتىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن بۇلغارىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا ۋەدە بەرگەن.

  رادوۋنىڭ سىياسىي قارىشى سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپلا قالماستىن، سولچى پارتىيەلەر، مىللەتچىلەر، تۈركلەر ھەتتا بىر قىسىم ئوتتۇرا ئوڭچى پارتىيە گۇرۇھلاردىكى ئەربابلارنىڭ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن. بۇلغارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى بورىسوف ياۋروپا تەرەققىيات پۇقرالار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى چاچېۋاغا پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى قارار قىلىپ، چاچېۋا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا مەغلۇپ بولسا، زۇڭلىلىق ۋەزىپەمدىن ئىستېپا بېرىمەن، دېگەن.

  زۇڭتۇڭ سايلىمى نەتىجىسىنىڭ چىقىشىغا ئەگىشىپ، بۇلغارىيەنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىدە يېڭى ئەندىزە شەكىللىنىدۇ. بورىسوف 14-نويابىر ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ كوللېكتىپ ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى ھەمدە مۇددەتتىن بۇرۇن پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. بورىسوف ئىستېپانامە سۇنۇشتىن بۇرۇن تاراتقۇلارغا: بۇلغارىيەدە يېڭى سىياسىي ۋەزىيەت پەيدا بولدى، رەھبەرلىكىمدىكى بۇلغارىيە ياۋروپا تەرەققىيات پۇقرالار پارتىيەسى مۇددەتتىن بۇرۇن پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، دېدى. پارلامېنتتىكى ئىككىنچى چوڭ پارتىيە بۇلغارىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى نىنوۋا 14-نويابىر: سوتسىيالىستلار پارتىيەسىمۇ مۇددەتتىن بۇرۇن پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، دېدى. بۇ ھازىرقى ھۆكۈمەت تۆزگەن ھەمدە ئېتىراپ قىلىنغان خامچوت لايىھەسىنىڭ توختايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتە، يېڭى ھۆكۈمەت ياكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت كېلەر يىلى خامچوت لايىھەسى ئاساسىدا تەشكىل قىلىنىدۇ ۋە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، بۇلغارىيەدە بىر مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت يوق بوشلۇق پەيدا بولىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، بۇلغارىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى سىياسىي سەھنىدىكى بۇ بوشلۇقنى قانداق تولدۇرۇش توغرىسىدا كېسىم چىقىرىدۇ. ۋارشاۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپا تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى، بۇلغارىيە مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى بوگدان گورالىسكى مۇنداق دېدى: بۇلغارىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن، ياۋروپا تەرەققىيات پۇقرالار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى بورىسوفنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى قوللاش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتتى، ئۇزاقتىن بۇيان ئاز سانلىقلىقلار ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولۇپ كەلدى، بۇ بۇ پارتىيە زۇڭتۇڭ نامزاتىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەب. رادوۋنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش تەشەببۇسى رۇسىيە بىلەن ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش، بۇلغارىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئەلرايىغا ۋەكىللىك قىلدى. بوگدان گورالىسكى مۇنداق دەپ قارىدى: رادوۋ زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، بۇلغارىيە رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ئېھتىيات بىلەن ئەستايىدىل تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئۆز بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق، ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان دىپلوماتىيە مەيدانى ئۈستىدە تېخىمۇ ئەمەلىي ئىزدىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر