خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-نويابىر ئىتالىيە ساردىنىيە ئارىلىدا ئىتالىيە زۇڭلىسى رېنزى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ زۇڭلى رېنزى ۋە رەپىقىسىنىڭ رىمدىن ساردىنىيە ئارىلىغا مەخسۇس كۆرۈشۈشكە كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم يېقىندا ئىتالىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن سەمىمىي ھال سوراپ، ئىتالىيە خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، گۈزەل يۇرت-ماكانىنى بالدۇرراق قايتا قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىتالىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپادىكى ئىشىنىشىگە ئەرزىيدىغان ياخشى دوستى ۋە مۇھىم ھەمشېرىكى. جۇڭگو-ئىتالىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. جۇڭگو جۇڭگو-ئىتالىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىتالىيە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-ئىتالىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ زور بەخت-سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىنى ساقلاپ، ھەرقايسى قاتلام، دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىتالىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىشچانلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى