باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ چىباۋ خۇبېيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدىكىلەرنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.11.21 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ 16-نويابىردىن 19-نويابىرغىچە خۇبېي ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈش تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ تەشۋىق قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئاساسىي قاتلامغا، ئاممىغا، كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلار، ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي داۋاملىق كۈرەش قىلىش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ليۇ چىباۋ ۋۇخەن، شياڭياڭ، جىڭجۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كارخانا، كەنت ۋە تەشۋىقات مەدەنىيەت ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، يادرولۇق قىممەت قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت مۇلازىمىتى، تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش، ئاخبارات-نەشرىيات قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىر، ئامما بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر