باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەيدۇ

2016.11.21 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەمگەك ئىش ھەققى ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەپ يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرىنى تارقىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش » ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ « پىكىر » دېيىلىدۇ )نى بېسىپ تارقاتتى. « پىكىر »دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەدبىرلەرنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەل قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك. ئىش ھەققى چىقىم قىلىش مەسئۇلىيىتىگە كاپالەت قىلىشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  توققۇز تۈرلۈك تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەيدۇ

  18-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، « پىكىر »دە توققۇز تۈرلۈك تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى، يەنى ھەقىقىي نام تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمى، توختام ئىمزالاشقاندىن كېيىن قۇرۇلۇش باشلاش تۈزۈمى، ھۆددە ئالغۇچى كارخانا ئىش ھەققىنى ۋاكالىتەن تارقىتىش تۈزۈمى، ئىش ھەققى كاپالەت پۇلى تۈزۈمى، ئىش ھەققى مەخسۇس ھېسابات باشقۇرۇش تۈزۈمى، قۇرۇلۇش پۇلىنى چىقىم قىلىش كېپىللىك تۈزۈمى، قۇرۇلۇش تۈرى رەنە تاپشۇرۇش تۈزۈمى، ھوقۇق قوغداش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمى، تارماقلارنىڭ بىرلەشمە يىغىن تۈزۈمى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدە يەنە چىقىم قىلىش مەسئۇلىيىتى، قەرز ئېنىقلاش مەسئۇلىيىتى، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىقىم قىلىشنى تىزگىنلەش مىخانىزمى، بىرلەشمە تەنبىھ بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ. تۈزۈمى مۇكەممەل، مەسئۇلىيىتى ئېنىق، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈملۈك تۈزەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر