باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پېرۇ تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

100 يىللىق تەرەققىيات ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەمكارلىق يېڭى سەھىپىسى ئاچايلى

2016.11.18 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-نويابىر، پېرۇ جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پېرۇ «سودا-سانائەت گېزىتى»دە «100 يىللىق تەرەققىيات ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەمكارلىق يېڭى سەھىپىسى ئاچايلى» تېمىسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  100 يىللىق تەرەققىيات ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەمكارلىق يېڭى سەھىپىسى ئاچايلى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  زۇڭتۇڭ كۇكۇزينسىكىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، پېرۇدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ 24-قېتىملىق بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىمەن ۋە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. زۇڭتۇڭ كۇكۇزينسىكى 9-ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى، مەن 11-ئايدا پېرۇدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، جۇڭگو-پېرۇ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىككى ئاينىڭ ئىچىدە ئۆز-ئارا زىيارەت قىلىشى، يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو-پېرۇنىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش سىگنالىنى بېرىدۇ.

  ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، پېرۇ يەنە بىر قېتىم ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ساھىبخانلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. جۇڭگو پېرۇنىڭ يىغىن ئېچىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ، يىغىندا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى، پېرۇدا زىيارەتتە بولغاندا، مەندە ياخشى تەسىر قالدۇرغانىدى. پېرۇنىڭ تاغ-دەريالىرى ھەيۋەتلىك، بايلىق شارائىتى ئەۋزەل، «جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ تۈۋرۈكى» بولغان ئاندېس تاغ تىزمىلىرى جەنۇب بىلەن شىمالنى كېسىپ ئۆتكەن، كان مەھسۇلاتى، ئېنېرگىيە، ئورمان، بىيولوگىيەلىك بايلىقلار يىغىلغان گۆھەر ماكان. پېرۇ خەلقى ئىشچان، باتۇر، تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر، ئىنكا مەدەنىيىتى شانلىق ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ماچۇپىسچۇ خارابىلىكى، نازكا يەر رەسىمى قاتارلىق قەدىمكى مەدەنىيەت بىباھا گۆھىرى كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، «بۈركۈت ناخشىسى» قاتارلىق ئاندېس خەلق ناخشىلىرى يېقىملىق بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر مىللەت خەلق ياخشى كۆرۈپ ئاڭلايدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر