باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىستېمال شەكلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، يېشىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشەنچىلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەكىتلىدى

2016.11.18 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، دۆلەت ئېنېرگىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 17-نويابىر دۆلەت ئېنېرگىيە كومىتېتى يىغىنى ئېچىلىپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان پروگراممىسىغا ئاساسەن بېكىتىلگەن «ئېنېرگىيە تەرەققىياتى 13-بەش يىللىق يىرىك پىلانى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، ئىلگىرى سۈرۈرلىدىغان ئالاقىدار خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، دۆلەت ئېنېرگىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئېنېرگىيە ئىدارىسى دوكلات بەردى، ئېنېرگىيە كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلار ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسىسلەر سۆز قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تىرىكى. ھازىر خەلقئارا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئەندىزىسىنى چوڭقۇر تەڭشەش، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش ئەۋج ئېلىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئېلىمىز ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمالىدىكى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەزمەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئېنېرگىيە ئىستېمالى، تەمىنلەش، تېخنىكا، تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدىكى بايلىق مۇھىتى چەكلىمىسى، سۈپەت، ئۈنۈم تۆۋەن بولۇش، ئۇل ئەسلىھە ئاجىز بولۇش، ھالقىلىق تېخنىكا كەمچىل بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن يېتىشسىزلىكلەرنى تىرىشىپ تولۇقلاپ، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش رىقابەت كۈچى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك زامانىۋى ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى قوللىشى كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر