خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى نيۇيوركتىكى ۋاكالەتچىلىك ئورنىنىڭ تىجارەت باشلاش مۇراسىمى يېقىندا ئامېرىكا نيۇروك رۇكفېللېر مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، بۇ 11 - نويابىر لوندون ۋاكالەتچىلىك ئورنى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ دۇنيا بويىچە يەنە بىر مۇھىم جاي نيۇيوركتا تەسىس قىلىنغان تۇنجى ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى ھېسابلىنىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ سودا مەسلىھەتچىسى جۇ شەنچىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ، ۋاكالەتچىلىك ئورنىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى دېدى: 14- نويابىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رەئىس شى جىنپىڭ يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ھەمكارلىشىشى لازىم ۋە ھەمكارلاشسا بولىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ . ترامپ مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. مۇشۇ ئورتاق تونۇش ئاساسىدا، كەلگۈسىدىكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىش پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسىنىڭ ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىشى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا بولغان ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى، مۇشۇنداق چاغدا ئامېرىكىدا ۋاكالەتچىلىك ئورۇن تەسىس قىلىنىشى كەلگۈسىدىكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا ياردىمى بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى