باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى گېربى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى گېربى لايىھەسىگە ئەسەر يىغىش باشلاندى

2016.11.21 14:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى گېربى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى گېربى لايىھەسى يىغىش ئىشخانىسى 20-نويابىر تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەرنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بېيجىڭدىكى بىر قانچە سەنئەت - لايىھەلەش مەكتەپلىرىدىكى لايىھەلىگۈچىلەر ۋە بىر قىسىم ئىشتىن سىرتقى لايىھەلىگۈچىلەر ئۆزلىرىنىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەۋەتتى.

  بېيجىڭ قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىغىن گېربى ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مۇھىم سىمۋولى، ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە مېيىپلەر ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مۇھىم كۆرۈم قىياپەت ئامىلى، ئۇ ھەر نۆۋەتلىك ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە مېيىپلەر تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ھىكايىلىرىنى جانلىق بايان قىلىپ، ئۆتكۈزگۈچى دۆلەتلەرنىڭ مىللىي خاراكتېرى، روھىي قىياپىتى ۋە مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىنى ئوبرازلىق نامايان قىلىدۇ. 2022-يىللىق قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە قىشلىق مېيىپلەر تەنھەرىكەت يىغىنى بېيجىڭ ۋە جاڭ جياكۇدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، يىغىن گېربى ئىجادىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈشى، جۇڭگو ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىشى، ئولېمپىك تەنھەرىكىتىگە ئۆزگىچە مىراس قالدۇرۇشى لازىم. بۇ، خەلقئارا ئولېمپىك كومىتېتى، خەلقئارا مېيىپلەر ئولېمپىك كومىتېتى ۋە بېيجىڭ ئولېمپىك تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

  يىغىن گېربى لايىھەسى يىغىش خىزمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 16دە ئاخىرلىشىدۇ. تاپشۇرۇۋېلىنغان مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى بېيجىڭ قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئورگان تورى (http://www.beijing2022.cn/)دىن چۈشۈرۈشكە بولىدۇ. پىلان بويىچە، بېيجىڭ ئولېمپىك تەشكىلىي كومىتېتى 12-ئايدىن باشلاپ تاپشۇرۇۋالغان لايىھەلەرنى باھالايدۇ، ئاخىرىدا يىغىن گېربىگە تاللانغان ئەسەر 200 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى گېربى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى گېربى 2017-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر