باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېركىل گېرمانىيەنىڭ زوڭلى سايلىمىغا يەنە قاتنىشىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى

2016.11.21 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە زوڭلىسى مېركىل 20-نويابىر كەچتە بېرلىندا ئۆزىنىڭ 2017-يىلى 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان گېرمانىيە چوڭ سايلىمىغا قاتنىشىپ، زوڭلىلىق ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتەشكە تىرىشىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى.

  مېركىل شۇ كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىلگىرى ئۆزىدىن سايلامغا يەنە قاتنىشىدىغان- قاتناشمايدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم سوئال سورالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا «مۇۋاپىق ۋاقىت» تاللاپ قارارىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، «ھازىر مۇۋاپىق پۇرسەت» كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

  مېركىل ئۆتكەن 11 يىلدا، ئۇ ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ بەزى نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى، ھازىر ئۆزىنىڭ ئەگەر يەنە بىر قېتىم زوڭلىلىققا سايلانسا، ھاكىمىيەتنى داۋاملىق قانداق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  مېركىل بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەندىن بۇيانقى ئەڭ قىيىن بىر قېتىملىق سايلام ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇ قېتىم چوقۇم ئوڭ-سول قاناتتىكى ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ تەلىپىنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى؛ مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا گېرمانىيەنىڭ توغرا بولغان دۆلەت سىياسىتىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ھازىر 62 ياشقا كىرگەن مېركىل 2005- يىلى 11- ئايدىن باشلاپ گېرمانىيەنىڭ زوڭلىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئەگەر 2017- يىلىدىكى سايلامدا غەلىبە قىلالىسا، مېركىل ئۆزىنىڭ 4-قېتىملىق زوڭلىلىق ۋەزىپە مۇددىتىنى باشلايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر