باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ (قۇمۇل) ساغلام يېمەكلىكلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئىمزالانغان كېلىشىمدىكى پۈتۈشۈش سوممىسى 2 مىليارد 450 مىليون يۈەنگە يەتتى

2016.11.21 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18- نويابىر، ئۈچ كۈن داۋاملاشقان شىنجاڭ ( قۇمۇل ) ساغلام يېمەكلىكلەر كۆرگەزمىسى قۇمۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە غەربىي شىمال رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ساغلام يېمەكلىك كۆرگەزمىسى بولۇپ، كۆرگەزمىنىڭ تۇنجى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تۈر كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا كەسىپلەر بويىچە مەبلەغ سېلىش تۈرى ۋە سېتىۋېلىش - سېتىش تۈرى قاتارلىق 50 تۈردە كېلىشىم ئىمزالانغان، ئىمزالانغان كېلىشىمدىكى پۈتۈشۈش سوممىسى 2 مىليارد 450 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  شىنجاڭ (قۇمۇل) ساغلام يېمەكلىكلەر كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە كۆلىمى 6900 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ساراي ئىچىدە ئالاھىدە بېزەلگەن 16 كۆرگەزمە ئورنى، 288 ئۆلچەملىك يايما ئورنى تەسىس قىلىنغان، كۆرگەزمىگە دۆلەت ئىچىدىكى 400 دىن ئارتۇق كارخانا ۋە 1000دىن ئارتۇق سودىگەر قاتناشقان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ 1000 خىلدىن ئارتۇق داڭلىق، سۈپەتلىك، ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرى مەركەزلىك نامايەن قىلىندى.

  يەرمەنكە مەزگىلىدە يەنە «ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ چارۋىچىلىق فېرمىسىنى كۆرۈش»، « جۇڭگو يېمەكلىك مەدەنىيىتى ۋە ساغلاملىق» مۇنبىرى، ساغلام يېمەكلىكلەرنى پەرقلەندۈرۈش، توردا يېمەكلىكلەر كېڭىشىشى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر