خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىللىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت باشلىقلار يىغىنى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى پېرۇنىڭ لىمادا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم «ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى دۇنيا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ئۇ: جۇڭگو ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەن بىللە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنى ئورتاق تەرەققىي قىلىشقا پائال يېتەكلەپ، مەزكۇر رايوندىكى خەلققە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىدۇ، دېدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى دۇنيادىكى ئىقتىسادىي كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچلۈك ماسلىشىشچان ھەرىكەت قوللىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى