خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-نويابىر لىمادا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو-رۇسىيە «جۇڭگو-رۇسىيەنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق-ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى چۆرىدەپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە ئادىللىق كۈچىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بىللە، يېڭى بىر يىلدا، زىچ، يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىلىشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئۆزئارا قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمە قۇرۇلۇسى بىلەن تۇتاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، تاراتقۇلارنىڭ ئالماشتۇرۇش يىللىق پائالىيىتى قاتارلىق مۇھىم ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىشچانلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى