خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-نويابىر لىمادا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئەسلەپ ۋە يەكۈنلەپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق توغرا يولنى بويلاپ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا بىردەك قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ ئوبامانىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاكتىپ باھا بەردى، شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ بىزنىڭ بۇ يىل 3-قېتىم ئۇچرىشىشىمىز، شۇنداقلا ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىز. بىز جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئومۇملۇققا چېتىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا كۆپ قېتىم چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق، بولۇپمۇ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا يېڭى تىپتىكى چوڭ دۆلەتلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە مۇھىم ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشنى قارار قىلدۇق. ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى تەجرىبىلەرنى تۆۋەندىكىچە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: بىرىنچى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. ھەمكارلىشىش ئىككى تەرەپنىڭ بىردىنبىر توغرا تاللىشى. ئىككىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپ تەڭ ھەم كۆپ نەپ ئېلىپ، ئىككى دۆلەتكە بەخت يارىتىش بىلەن بىللە، يەنە پۈتۈن دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈش توغرىسىدا ئىزدىنىشى كېرەك. ئۈچىنچى، سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئىجابىي باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قويۇشتىن ساقلىنىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ، تەپەككۇر قىلىپ، زىددىيەتنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى