خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-نويابىر لىمادا ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى چېن داگۇاڭ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام تاغ-دەريالىرى تۇتاش دوستانە قوشنا دۆلەت بولۇپ، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، يۇقىرى قاتلامنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلگىرى كېڭىشىپ بېكىتكەن تۈرلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشى كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك. ھازىرقى ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چېگرا ھالىقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇل ئەسلىھە ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بالدۇرراق نەتىجە ھاسىل قىلىش كېرەك. ئىككى تەرەپ كېڭىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىپ، تالاش-تارتىشلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ھەمكارلىق يولىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، نەنخەي دېڭىزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك.