باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«دىياۋيۈ ئارىلى تاقىم ئاراللىرىنىڭ تەۋەلىك ئىسپاتى: پاكىت ۋە قانۇن نەزەرىيەسى» ناملىق كىتاب ئېلان قىلىندى

2016.11.21 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ليۇ جياڭيۇڭ يازغان «دىياۋيۈ ئارىلى تاقىم ئاراللىرىنىڭ تەۋەلىك ئىسپاتى: پاكىت ۋە قانۇن نەزەرىيەسى» ناملىق كىتاب ئۈچۈن، 20-نويابىر چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

  مەزكۇر كىتاب جەمئىي سەككىز باب بولۇپ،600مىڭ نەچچە خەتلىك بۇ ئەسەر تەخمىنەن 220 پارچە ئىپتىدائىي ئەسەر ۋە خەرىتىلىك فوتو باسما نۇسخىلاردىن تەركىب تاپقان، ھەمدە ئۇنىڭدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى، قەدىمكى رىيۇكيۇ دۆلىتى، ھەمدە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي ھۆججەتلىرى ۋە ئالاقىدار خەرىتىلىرى قاتارلىقلار دەلىللەنگەن، زەنجىرسىمان دەلىل-ئىسپاتلار زەنجىرى ئارقىلىق، دىياۋيۈ ئارىلى تاقىم ئاراللىرى ھەقىقەتەن جۇڭگونىڭ ئەزەلدىن بار بولغان زېمىنى ۋە تەيۋەننىڭ قارمىقىدىكى ئارال ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلانغان. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مەزكۇر كىتابتا، 1874- يىلى ياپونىيە تۇنجى قېتىم تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەسى ۋازارىتىنىڭ سۇ يولى تارماقلىرى ۋە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى دىياۋيۈ ئارىلى تاقىم ئاراللىرى جۇڭگو تەيۋەن شەرقىي شىمال قوشۇمچە ئاراللىرىنىڭ خەرىتىسى ۋە ھۆججەت ئىسپاتلىرى بېكىتىلگەن ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر