خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) 11-ئاينىڭ 17-كۈنى پوسكام ناھىيەسىنىڭ كۈيباغ يېزىسى يالغۇزباغ كەنتىدىكى 200 گە يېقىن ئائىلىدىكى 500 دىن ئارتۇق ئاھالە يېزىلىق مەركىزىي شىپاخانىنىڭ بۇ كەنتتە تەسىس قىلغان ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈش كۆچمە پونكىتىدا سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتتى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پوسكام ناھىيەسى 10-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ناھىيە بويىچە 500دىن ئارتۇق قابىل تېببىي خادىمنى تەشكىللەپ، 40 نەچچە ئورۇندا ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش نۇقتىسى قۇرۇپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى 200 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، 11-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە 160 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.
سۈرەتتە: 11-ئاينىڭ 17-كۈنى كۈيباغ يېزىلىق مەركىزىي شىپاخانىدىكى تېببىي خادىملار يالغۇزباغ كەنتىدە ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرمەكتە
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى