باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى سوغۇق ئېقىم قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قاردىن مۇداپىئە كۆرۈش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشىنى چىقاردى

2016.11.21 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركىزىي ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ 21- نويابىر سائەت 6دە داۋاملىق تۈردە قاردىن مۇداپىئە كۆرۈش ھەققىدە كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بەردى: مۆلچەرلىشىچە، 21- نويابىر سائەت 8 دىن 22- نويابىر سائەت 8گىچە، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسىمى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمال قىسىمى، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسىمى ۋە ئوتتۇرا قىسىمى جەنۇبقا سەل سۈرۈلگەن رايونىدا، ھەمدە شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىمى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قار ياغقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربى قىسىم تاغلىق رايونلىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدىمۇ ( 10- 15 مىللىمېتىر قېلىنلىقتا) قار ياغدى، يۇقىرىقى رايونلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن يىغىندى قارنىڭ قېلىنلىقى ئىككى سانتىمېتىردىن بەش سانتىمېتىرغىچە بولۇپ، قىسمەن جايلاردا ھەتتا سەككىز سانتىمېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر