باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكىلەر ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇردى

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتايلى

2016.11.04 15:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون بويىچە تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ سىنلىق يىغىنى 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، 9 - قۇرۇلتاينىڭ ئاساسىي روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قۇرۇلتاينىڭ ئاساسىي تېمىسى، دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر ۋە تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى توغرا ئىگىلەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي تەلىپى، ئاساسىي نىشانى ۋە زور تەدبىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايون بويىچە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكىلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ئىدىيە جەھەتتە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرىكەتتە پائال تەشەببۇسكار بولۇپ، قۇرۇلتاينىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىنلىقىنى تېزدىن قوزغىشى كېرەك. قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تېزدىن يەتكۈزۈپ، مەركەزلىك تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، قۇرۇلتاينىڭ روھىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. تەشۋىقاتنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە تاراتقۇلار تەشۋىقات لايىھەسى تۈزۈپ، تەشۋىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ مەنبەدىن تەشۋىق قىلىپ، يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، كۆلەم شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇپ، يۈزتۇرا لېكسىيە ۋە ئاساسىي تېمىلىق مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، زور مەسىلىلەرگە ئالاقىدار نەزەرىيەۋى تەتقىقات ۋە ئۇنى شەرھلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەپ، كۈچنى ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى تەدبىرلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تىرىشىپ ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر