باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

لى كېچياڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرى < زۇڭلىلىرى > كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى(1)

2016.11.04 15:47   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرى < زۇڭلىلىرى > كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 3-نويابىر چۈشتە بىشكەك دۆلەت مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن مەركىزىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرى < زۇڭلىلىرى > كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 15 يىلدىن بۇيان، باشتىن-ئاخىر ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، رايونلارنىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغىمۇ پائال تۆھپىلەرنى قوشتى. بۇ يىللىق تاشكەنت باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ باشقا ئەزا دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن جايلارنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا نۇرغۇن تەشەببۇس تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى قەدەم تاشلىدى. ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەر قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلاشقاندىلا، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ۋە رايونلارنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

  لى كېچياڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى توغرىسىدا بىر قانچە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىرىنچى، بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق پۇرسىتى ئىزدەش كېرەك.

  بەشىنچى، رايونلار ئارا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  ئالتىنچى، ئادىمىيەت ئالاقىسى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·لى كېچياڭ قىرغىزىستاندىكى زىيارىتىنى باشلىدى
    ·ئۈچ مىنىسىتىرلىق كومىتېت «مائارىپ خىراجىتىنى ئىستاتىستىكا قىلىش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە كۈچەي…
    ·جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۇقىرى باھا بەردى
    ·جۇڭگو -تۈركىيە ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى سودا ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شۇ ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ…
    ·پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى 3-قېتىم قاراپ چىقىلدى
    ·ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستۇدې…
    ·ئۆزبىكىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى تۆت نەپەر زوڭتوڭ نامزاتلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللىدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 31 ئۆلكىنىڭ ئادەتتىكى تولۇق كۇرس مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاجراتقان ئوتتۇرىچە چى…
    ·2017-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ پۇل پاخاللىقى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ
    ·2017- يىللىق مەمۇرلار ئىمتىھانىغا 1 مىليون 300مىڭدىن ئارتۇق كىشى تىزىملاتقان بولۇپ، 27مىڭ ئىش ئورنى…