باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

6-ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش لېكسىيە ئۆمىكى يىغىن ئاچتى

2016.11.04 15:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ لېكسىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە مۇھىم يوليورۇق بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: لېكسىيىدە، قاراتمىلىق ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقنى كۈچەيتىپ، قاپلاش كۆلىمى ۋە تەسىرىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئومۇمىي يىغىن روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تېرىشىپ يېتەكلەپ، پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىسىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇلۇغۋار ئىشلارنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىشقا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ قىزغىن دولقۇنىنى قوزغاپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىدىيە، ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش لازىم.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئومۇمىي يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ-پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنىڭ مەۋقەسى. چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلەش ئارقىلىق، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى تۆت ئاڭ، بولۇپمۇ يادرو ئېڭى، توغرىلىنىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ئاڭلىق ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى تېخىمۇ پۇختا، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر