باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۇقىرى قاتلام ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي ئىختىساسلىقلىرى نوپۇسقا ئېلىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ

2016.11.03 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى بىرلىشىپ، 18-ئۆكتەبىر «ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي ئىش ئورنى ئېچىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتقان. «پىكىر» ئېھتىياجغا ئاساسەن ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ، ئىش ئورنىغا قاراپ مائاش بېكىتىش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي قاتلامنى كاپالەتلەندۈرۈپ، 1-سەپنى مۇقىملاشتۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي ئىش ئورنى ئېچىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىدىغان بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ مەركەزدىكى 18 تارماقلارنىڭ بىرلىشىپ « ئىجتىمائىي خىزمەت بويىچە كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتقاندىن كېيىنكى يەنە بىر مۇھىم سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججىتى بولۇپ، ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئىش ئورنىنىڭ ئېنىق بولماسلىق، قېلىپلاشماسلىق، كەسىپ تەرەققىيات بوشلۇقى راۋان بولماسلىق، مائاش تەمىنات سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش، كەسىپ ئورنى يۇقىرى بولماسلىق قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىش، 1-سەپتە خاتىرجەم قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىشتا مۇھىم تۈرتكىلىك ۋە يېتەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يۇقىرى قاتلام ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى جىددىي ئېھتىياجلىق ۋە نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بەلگىلىمىگە ئاساسەن نوپۇسقا ئېلىش، كاپالەتلىك ئۆي ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار ئېتىبار سىياسەتلەردىن بەھرىلەندۈرۈش؛ ھۆكۈمەت ئالاھىدە ياردەم پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى تاللاشتا، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلغار ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر