خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر پەس گۈدۈك ئاۋازىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى رېلىسلىق قاتنىشى 1 ـ لىنىيەسىدە 1-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن سىناق قاتناش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، ۋاگون گەۋدىسى ئاق، كۆك ۋە قىزغۇچ سېرىق رەڭدە بويالغان بولۇپ، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئۈچ خىل يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ۋەكىلىك قىلىدىكەن. بۇلار ئىچىدە، ئاق رەڭ شىنجاڭنىڭ ئېگىز قارلىق چوققىلىرىغا، كۆك رەڭ شىنجاڭنىڭ سۈزۈك كۆللىرىگە، قىزغۇچ سېرىق رەڭ بولسا شىنجاڭنىڭ مېۋە - چېۋە ماكانى نامىغا ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مول ھوسۇلغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ۋاگون ئىچىگىمۇ ئاق، كۆك، قىزغۇچ سېرىق رەڭ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، تاشقى كۆرۈنۈشىگە ماسلاشتۇرۇلغان.
ئىگىلىنىشىچە، ۋاگوننىڭ كەڭلىكى 3.1 مېتىر بولۇپ، ھەر بىر ۋاگوننىڭ ئىككى تەرىپىگە چاقلىق ئورۇندۇق، بوۋاقلار ھارۋىسى ۋە چوڭ يۈك - تاق مەخسۇس رايونى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. ھەربىر ۋاگوننىڭ ئالدى، ئوتتۇرىسى، كەينى قىسمىغا ئېكران ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە دومىلىما ئۇچۇرلار كۆرسىتىلىپ تۇرىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە تۇنجى يولۇچىلار ۋاگونىنى ئۈرۈمچىدە قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش تاماملانغان بولۇپ، كېيىنكى يولۇچىلار ۋاگونلىرى 2017-يىلى ئارقا - ئارقىدىن ياسىلىدىكەن ھەمدە ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىندىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى