سۈرەتتە: يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار 2016-يىللىق دۇنيا ھاياتلىق ئىلمى يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-نويابىر، 2016-يىللىق دۇنيا ھاياتلىق ئىلمى يىغىنى بېيجىڭ دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى نەچچە داڭلىق ئالىم تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى يىغىن ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، يىغىننىڭ باش تېمىسى «ساغلاملىق، يېزا ئىگىلىك، مۇھىت» بولۇپ، دۇنيا ھاياتلىق ئىلمى ۋە جۇڭگو ھاياتلىق ئىلمى ساھەسىدىكى بىر قېتىملىق كاتتا يىغىلىش ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى