خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا رەئىس خۇڭ شيۇجۇ باشچىلىقىدىكى جۇڭگو گومىنداڭىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ خۇڭ شيۇجۇنىڭ ئۆمەك باشلاپ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: تارىخىي بوران-چاپقۇنلۇق ئۆزگىرىشلەر جەريانىدا، گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ئارىسىدا نۇرغۇن ئىش ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم پەيتلەردە، ئىككى پارتىيە مىللەتنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ بىرنەچچە قېتىم ھەمكارلىشىپ، مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.
شى جىنپىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئالتە نۇقتىلىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىرىنچى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان «92-يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇش كېرەك.
ئىككىنچى، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
تۆتىنچى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.
بەشىنچى، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىلگىرىلىتىش كېرەك.
ئالتىنچى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى