باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت يولى 219-لىنىيەسىنىڭ ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى تاماملاندى

ئاقسۇدىن ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە بېرىپ - كېلىش تېخىمۇ تېزلىشىدۇ

2016.11.01 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر يىلدىن ئارتۇق قۇرۇلۇش قىلىنغان دۆلەت يولى 219- لىنىيەسىنىڭ ئاقسۇدىن ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى نۆۋەتتە پۈتۈن لىنىيە بويىچە تاماملانغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 11-ئاي ئىچىدە قاتناش باشلىنىدىكەن، قاتناش باشلانغاندىن كېيىن ئىككى جاينىڭ مۇساپىسىگە پەقەت بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا 40 نەچچە مىنۇت تېزلىشىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ بۇ تۈر قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يول بۆلىكى 2-دەرىجىلىك بويىچە لاھىيەلەنگەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 101.4 كىلومېتىر، سۈرئەت چەكلىمىسى 80 كىلومېتىر بولۇپ، ھازىر پۈتكەن قۇرۇلۇش تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىۋېتىپتۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 11-ئاي ئىچىدە ئومۇمىي لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇش 2015-يىلى 7-باشلىنىپ، ئىككى يول بۆلىكىگە بۆلۈنۈپ قۇرۇلۇش قىلىنغان، بىر بۆلىكى ئەسلىدە بار بولغان S306لىنىيەسىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزىسى پاسىل بۆلىكى ئاخىرقى نۇقتىسى ئەتراپىغا جايلاشقان، رېتى بويىچە دۆلەت يولى 219-لىنىيەسىنىڭ ئاقسۇ - ئۇچتۇرپان بۆلىكىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا ئۇلانغان؛ يەنە بىر بۆلىكى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونى ۋە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقيار بازىرى، ئاچاتاغ يېزىسى، ياركۆۋرۈك يېزىسى، ئاقتوقاي يېزىسى، ئوتبېشى يېزىسى قاتارلىق بەش يېزا - بازىرىدىن ئۆتىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن، قاتناش تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ جەمئىي 28 مىليارد 210 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىللىق مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر