باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۈركىيەدىن چېكىنىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىپ پەرمان چۈشۈردى

2016.10.31 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى 29- ئۆكتەبىر ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىدىكى خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۈركىيەدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىخەتەرلىك ئاخباراتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەسەبىي تەشكىلاتلار ئىزچىل تۈردە ئىستانبۇل رايونىدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلمەكتە. مەزكۇر پەرمان پەقەت ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىغىلا قارىتىلغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى باشقا كونسۇلخانىلىرىغا قارىتىلمىغان. ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇلدىكى باش ئەلچىخانىسىدا نۆۋەتتە بارلىق خادىملار ئۆز ئىش ئونىدا بولۇپ، كونسۇلخانا نورمال ئېچىلىدۇ.

  ئامېرىكا تەرەپ ئالدىنقى ھەپتە ساياھەت ئاگاھلاندۇرمىسى ئېلان قىلىپ، تۈركىيە چېگراسى ئىچىدىكى تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ تۇرۇشقا، تۈركىيەدە ساياھەت قىلغاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتكەن ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر