باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بېلگىيە باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

2016.11.01 14:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى «خەلق» سارىيىدا بېلگىيە باش ۋەزىرى مىچېل بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن بېلگىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي پۇرسەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆتمۈشنى يەكۈنلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو - بېلگىيەنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان ئەتراپلىق دوستلۇق - ھەمكارلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن بېلگىيە سەمىمىي دوستلۇقنى ئاساس قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئتى ۋە چوڭ - چوڭ ئىشلىرىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك. جۇڭگو بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيدۇ.ئىككى تەرەپ يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساس قىلىشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسى چوڭقۇر، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسپى، يېڭى ئېنېرگىيە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋە يۇقىرى ئاشۇرما قىممىتىگە ئىگە يېڭىچە ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەتقىقاتنى كۈچەيتىشى كېرەك. بېلگىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى يارىتىپ بەرگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا، ئاسىيا - ياۋروپا مال ئوبوروت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ھەم چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو بېلگىيەنىڭ ئاسىيا سېلىنما بانكىسىغا ئەزا بولۇش ئاكتىپ ئارزۇسىدىن زوقلىنىدۇ ھەم ئۇنى ئالقىشلايدۇ، بېلگىيەنىڭ ئاسىيا سېلىنما بانكىسىغا بالدۇرراق ئەزا بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ، بېلگىيەنىڭ ئاسىيا - ياۋروپا دېڭىز - قۇرۇقلۇق بىرلەشمە چوڭ يولى ۋە پان ياۋروپا تۆمۈريول تورى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا پائال قاتنىشىشىنى ئالقىشلايدۇ. ئىككى تەرەپ ئېچىۋېتىش ۋە ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئاساس قىلىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن بېلگىيە ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارا سودا سىستېمىسىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىغا باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە ئەھمىيەت بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى قەتئىي قوللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. بېلگىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش كېلىشىمنامىسى»نىڭ 15 - ماددىسىدىكى مەجبۇرىيىتىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  مىچېل مۇنداق دېدى: بېلگىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 45 يىل بولغان پەيتتە جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2014 - يىلى بېلگىيەگە قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ھەم پادىشاھ فىلىپنىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن جۇڭگوغا قىلغان زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. بېلگىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا، مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ جانلىنىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ خۇش بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئەدلىيە، مەبلەغ سېلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋىياتسىيە، يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، ئۇل ئەسلىھە جەھەتتە ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدا ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. بېلگىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ئىجابىي مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىپ، بىر - بىرىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىدىغان ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر