باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يوپۇغا ناھىيەسىدە قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنى خاتىرىلەش ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

2016.11.01 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى) يوپۇغا ناھىيەسىدە 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بۈگۈنكى يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش نىشاننىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ تىپتىكى ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

  يوپۇغا ناھىيەلىك پارتكوم قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىگەن بۇ نۆۋەتلىك ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە ھەر مىللەت خەتتاتلىرىنىڭ ئۇزۇن سەپەر روھىنىڭ پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز، ئارمىيەمىزنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدىكى ئۇلۇغ ئەھمىيىتى ۋە يوپۇغا روھى، يوپۇغا خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ مۇستەھكەم غايە- ئېتىقادى ۋە جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، جەڭگىۋار ئىرادە، ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلى، ئىتتىپاقلىق ئەقىدىسى بىلەن باش نىشانغا يېتىش ۋە باش نىشاننى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىۋاتقانلىقىدەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە 70 پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل نۇسخىلاردا يېزىلغان ھۆسنخەت ئەسەرلىرى قويۇلغان بولۇپ، كۆرگەزمىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە يۈكسەك ئىرادە، زور سىياسىي ئېتىقاد كۈچى ئاتا قىلدى.

  يوپۇغا ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىن كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ئايشەمگۈل تۇردى مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە بۇ كۆرگەزمىدىكى مەزمۇنلار بىزنىڭ ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باش نىشانغا يېتىش روھىمىزنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى. مەن خىزمەت ئورنۇمدا ئۇزۇن سەپەر روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر بىر كىشىگە پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بىرلىكتە قوغداشقا يېتەكلەپ، گۈزەل شىنجاڭ، ئەمىن يوپۇغا بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر