باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يوپۇغا ناھىيەسىدە ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتمەكتە

2016.11.01 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى) يوپۇغا ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۇزاق يىللار مابەينىدە مەركىزىي كومىتېت، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ۋىلايەت ۋە ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىق-كۈچ، ئىتتىپاقلىق- غەلىبە، ئىتتىپاقلىق- تەرەققىيات ۋە ئەمىنلىكنىڭ ئاساسى، دېگەن ئىتتىپاقلىق ئۇلۇغۋار ئىدىيەسىنى قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەڭ يېقىن قېرىنداشلىق مېھرى بىلەن ئېجىل- ئىناق ياشاپ كەلمەكتە.

  يوپۇغا ناھىيەسىدىكى 170 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا ئىتتىپاقلىق ئەقىدە-ئېتىقادى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى» پائالىيىتى ۋە يېقىندا قانات يايدۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ روھى بىلەن يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى. ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ «جۇڭگو ئارزۇسى»نى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىرىكمە كۈچى يەنىمۇ زورايدى.

  يوپۇغا ناھىيەسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېنېرگىيە كۈچى ۋە تەربىيەۋى ئەھمىيىتى زور تۈرلۈك شەكىللەردىكى مەدەنىيەت- سەنئەت يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشۋىقات-تەربىيە، يېتەكلەش پائالىيەتلىرىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك ئۈلگىلەرنى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي قانات يايدۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت ۋە ناھىيە دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۈلگىلىك ئورۇن، كۆپلىگەن نەمۇنىچى شەخسلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدىكى نەمۇنىلىك، باشلامچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى پائال جارى قىلدۇردى. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەتراپلىق تەشۋىق قىلىپ، ناھىيەدىكى بارلىق ئاممىنى ئېجىل- ئىناق، ھەمنەپەس، قەلبداش بولۇپ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ياشاش، بىرلىكتە گۈزەل يۇرت- ماكان بەرپا قىلىشقا پائال يېتەكلەپ، بارلىق ئاممىنى ئۇيۇلتاشتەك زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، ئۆز ئارا كۆيۈنۈش، ئۆز ئارا ئۆگىنىشنى ئاساس قىلغان ئىتتىپاقلىشىپ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، مىننەتدار بولۇش جەھەتتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ناخشىسىنى بىرگە ياڭرىتىپ، پۈتكۈل ئاممىنىڭ ۋۇجۇدىغا ئەڭ چوڭقۇر ئىتتىپاقلىق رىشتى، ئەڭ يېقىن قېرىنداشلىق مېھرى- مۇھەببەت سۆيگۈسىنى قان كەبى تاراتتى. ناھىيەنىڭ ئىتتىپاقلىق، ئەمىنلىك ئىجتىمائىي مۇھىتى ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سەۋىيەسىدە زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.

  قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كەنتلەرنىڭ بىرى بولغان يوپۇغا يېزىسى كورا كەنتىدىكى 279 ئائىلىلىك ئۇيغۇر دېھقان بىلەن 46 ئائىلىلىك خەنزۇ دېھقاننى ئۆز ئارا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئېجىل-ئىناق ياشاشقا يېتەكلەپ، دېھقانلار ئارىسىدا ئەڭ چوڭقۇر قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرغان كورا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئاۋۇت ساۋۇت مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈلى- ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ خۇشپۇراق گۈل. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېۋىسى- ئەڭ شېرىن، ئەڭ تاتلىق مېۋە. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ناخشىسى-ئەڭ يېقىملىق، مەڭگۈ تۈگىمەس ناخشا. كەنت كومىتېتىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى مۇشۇ خىل گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش، يۈكسىلىش ئىدىيەسىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق كەنتتىكى بارلىق ئاممىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەش، ئىتتىپاقلىقنى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق.

  كورا كەنت پارتىيە ياچېيكىسى كەنتتىكى ئىككى مىللەتتىن تەركىب تاپقان ئامما ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ ۋە ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ، ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، داۋالىنىش، ئەمگەك كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان دېھقانلارغا مىللەت ئارا ياردەم بېرىش، قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر دېھقانلار بىلەن خەنزۇ دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا كۆيۈنۈش ئىدىيەسىدىكى مېھىرلىك ئىشلار، ئىتتىپاقلىق تۇرمۇش كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇردى. ھەر يىلى ئىتتىپاقلىق مەزمۇنىدىكى تۈرلۈك ئاممىۋى مەدەنىيەت- سەنئەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ۋە قوشماقلاردىن بولۇش پائالىيەتلىرىنى كۆپ قېتىم تەشكىللەپ، كەنتتىكى ئاممىنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ بىرىكىش، ئۆزلىشىش، ئۆملىشىش ۋە تىل، پەن- تېخنىكا ئۆگىنىش قاتارلىق ئىشلاردا مەڭگۈ ئايرىلماس بىر ئائىلە ئەزالىرىغا، بىر گەۋدىگە ئايلاندۇردى. كورا كەنتىدىن دېھقان فىڭ يۈگۇاڭ مۇنداق دېدى: مەن مۇشۇ كەنتتە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئاتا-ئانام 60 نەچچە يىل بۇرۇن بۇ يەرگە كەلگەندە، كەنتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپ ياردىمىگە ئېرىشىپ تىرىكچىلىك قىلغان ئىكەن. شۇڭا ئۇلار دائىم ماڭا ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ياخشىلىقىغا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە جاۋاب قايتۇرۇشۇمنى تاپىلاپ تۇراتتى. خېلى يىللار بولدى، بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن مەيلى پۇل ئېلىم-بېرىم ئىشلىرى، تېرىقچىلىق، زىرائەتلەرنى تېخنىكىلىق باشقۇرۇش ئىشلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئەمگەك كۈچى جەھەتلەردە بولسۇن ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك ئېجىل-ئىناق ئۆتۈۋاتىمىز.

  كورا كەنتىدىن دېھقان تۇرغۇن سادىق مۇنداق دېدى: كونىلار «يىراقتىكى تۇغقاندىن، يېقىندىكى قوشنا ئەلا» دەپ، راست ئېيتىپتىكەن. فىڭ يۈگۇاڭ بىلەن ئەڭ يېقىن قېرىنداش، ئاكا-ئۇكا بولۇپ ئۆتۈۋاتقىنىمىزغا مانا ھازىر 15 يىلدىن ئاشتى، قانداقلا ئىشقا يولۇقساق ئۇلارنىڭكىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ مەسىلە، قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق ھەل قىلىمىز، تېرىقچىلىق ئۈسكۈنە- جابدۇقلىرىنى ئۆزىمىزنىڭكىدەك خاتىرجەم ئىشلىتىمىز. ئۇلار بىزگە چىلان دەرىخىنى پەرۋىش قىلىش، كېۋەزلىكنى باشقۇرۇش، بۇغدايلارغا دورا چېچىپ، ياۋا ئوت-چۆپلەرنى يوقىتىش قاتارلىق تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىپ، بىزنى يېتەكلەپ كەلدى. بىز بۇ خىل ئىناقلىق، قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىمىز.

  كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئاۋۇت ساۋۇت يەنە مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەنتىمىزدىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ دېھقانلار تۈرلۈك ئاممىۋى پائالىيەت، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ، ھېيت-بايرام يىغىلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، پەرزەنت تەربىيەسى قاتارلىق ئىشلاردا بىرگە بولۇش داۋامىدا مەدەنىيەت، ئۆرپ- ئادەت، تىل ئالاقىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئاللا بورۇن چوڭقۇر چۈشىنىش ھاسىل قىلغاچقا، ھەممە ئىشلاردا ئۆزئارا ھۆرمەتلەش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ، خۇددى بىر ئائىلە ئەزالىرىدەك ئېجىل-ئىناق، ئۆملۈك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنىڭ ئەبەدىي تۈگىمەس ناخشىسىنى بىرلىكتە ياڭرىتىپ، كەنتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر