باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يوپۇغا ناھىيەسىدە 200 مىليون يۈەندىن ئارتۇق نامراتلارنى يۆلەش قەرز مەبلىغى تارقىتىلدى

2016.11.01 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى) يوپۇغا ناھىيەسىدە بۇ يىل نامراتلىق ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان 9950 دىن ئارتۇق نامرات ئائىلىگە 200 مىليون 500 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز مەبلىغى تارقىتىپ بېرىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ باقمىچىلىق، ھويلا- ئارام ئىگىلىكى قاتارلىق شارائىت ئەۋزەللىكى بولغان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلۇشىغا پۇختا ئاساس سېلىندى.

  يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ بايئاۋات يېزىسى ئازنابازار كەنتىدىن دېھقان مۇھەممەت روسۇل ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ كارتا تارقىتىلغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يىل ئۇ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، قوتان قۇرۇلۇشى ياردىمى ۋە باشقا تۈرلۈك ئۇسۇلدىكى نامراتلارنى يۆلەش-ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، يېقىندا 30 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش قەرز مەبلىغىگە ئېرىشىپ، نامراتلىقتىن بالدۇر قۇتۇلۇش جەھەتتە ئىشەنچكە تولدى ۋە خۇشال ھالدا ئۇ مۇنداق دېدى: چارۋا باقمىچىلىق ئىشلىرىدا بەلگىلىك تەجرىبەم بولسىمۇ، چارۋىلارنى كۆپەيتىپ بېقىشقا قادىر بولالماي، كۈنلىرىمىز نامراتلىق ئىچىدە ئۆتكەنىدى. مانا بۈگۈن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن ئۆسۈمىنى ھۆكۈمەت تولۇقلاپ بېرىدىغان 30 مىڭ يۈەن قەرز پۇلنى قولۇمغا ئالدىم. ئەمدى ئۆلچەملىك قوتانمۇ، يېتەرلىك پۇلمۇ بار بولدى، چارۋا-مال باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، نامراتلىق قالپىقىنى بالدۇر چۆرۈپ تاشلايمەن.

  يوپۇغا ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان مەركەز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-ياردەم بىرىش قۇرۇلۇشى سىياسەت تەدبىرلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىق قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بەھرىلەندۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇقرالارنىڭ مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش شارائىتى ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكى بويىچە نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھويلا- ئارام ئىگىلىكى ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق تۈلۈك شەكىلدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، 8500 دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ يېزا ساياھەتچىلىكىگە ماس باغۋارانلاشقان ھويلا- ئارام ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ياردەم بەردى. 1200 دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ ھەر بىرىگە 60 كىۋادرات مېتىردىن قوتان سېلىپ بېرىپ چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا مەدەت بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر