باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نىلقا ناھىيەسىدىكى مەدەنىيەت چوڭ ھويلىلىرى مەركەزنىڭ سوۋغىتىغا ئېرىشتى

2016.11.01 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نەبىجان ئەخمەت خەۋىرى) نىلقا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 26-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن يېزىلاردىكى مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىغا ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ناھىيەدىكى نىلقا بازىرى، خۇجىرتاي يېزىسى قاتارلىق ئالتە يېزا-بازاردىكى مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىنىڭ ھەربىرسىگە قىممىتى 30 مىڭ يۈەنلىك يۇقىرى دەرىجىلىك فوتو تېلېگرافلىق ياڭراتقۇ ئۈسكۈنىسى، ئۇنىۋېرسال ئۈستەل تارقىتىپ بېرىپ، يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بەردى.

  ئىگىلىنىشىچە، مەركەز تەشۋىقات بۆلۈمى يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش يۈزىسىدىن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى مەدەنىيەت چوڭ ھويلىلىرىغا يۇقىرى دەرىجىلىك فوتو تېلېگرافلىق ياڭراتقۇ ئۈسكۈنىسى سوۋغا قىلغان بولۇپ، ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مەركەز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن قىممىتى 180 مىڭ يۈەنلىك بۇ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ناھىيەنىڭ يېزىلىرىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇۋاتقان مەدەنىيەت چوڭ ھويلىلىرىغا تارقىتىپ بەرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر