باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكى ئۈزلۈكسىز جانلاندى

2016.11.01 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى) يوپۇغا ناھىيەسى بۇ يىل «جەلپكار يوپۇغا، سېھىرلىك داۋا كۆل» ساياھەتچىلىك تەبىئىي ئەۋزەللىكى ۋە مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت ئالاھىدىلىكىنى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق نامايان قىلىش ۋە «شادلىق ئۈچۈن ھۇررا!» سۇ ئۈستى ئۆتكەلدىن ئۆتۈش مۇسابىقە ئويۇن تۈرىنى يولغا قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ساياھەتچىلىكنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىچى ۋە چەت ئەللەردىن كەلگەن 750 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئارتۇق ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن %134 ئاشۇردى.

  يوپۇغا ناھىيەسى «مەملىكەت بويىچە ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش نوقتىسى» بولۇش نام ئالاھىدىلىكى ۋە تېرىم بازار ماشئېڭىز كەنتى قاتارلىق توققۇز كەنتنىڭ «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل كەنت ۋە مىللىي ئۆرپ- ئادەت كەنتى» بولۇش قاتارلىق ساياھەتچىلىك مەدەنىيەت نام ئالاھىدىلىكىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇستەھكەملەش ۋە نامايان قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، داۋاكۆل سەيلىگاھىنى «دۆلەت 5A دەرىجىلىك سەيلىگاھ» دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈش نىشانى بويىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىي 160 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 32 تۈرلۈك ساياھەتچىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، داۋاكۆل سەيلىگاھىنىڭ ساياھەتچىلىك مەدەنىيتى، گۈزەللىكى، بىخەتەرلىكى ھەم تۈرلۈك شەكىلدىكى مۇلازىمەتچىلىك مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى. 5-ئايدا ئۇدا تۆت كۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك «ئوغلانلار» مىللىيچە چېلىشىش چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى تەشكىللەپ، ناھىيەنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، 7-ئايدا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ 9 مىليون 500 مىڭ يۈەن ساياھەت، مەدەنىيەت ئىشلىرى ياردىمى بېرىشى بىلەن داۋا كۆل سەيلىگاھىدا سۇ ئۈستى ئالتە تۈرلۈك قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈش-كۆڭۈل ئېچىش رايونى قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزۈپ ۋە شەندۇڭ تېلېۋىزىيەسى ئۇنىۋېرسال قانىلى بىلەن بىرلىشىپ ئىلگىرى-ئاخىر ئىككى نۆۋەت «شادلىق ئۈچۈن ھۇررا!» ئۆتكەلدىن ئۆتۈش مۇسابىقىسىنى تەشكىللەپ سۈرەتكە ئېلىپ، «جەلپكار يوپۇغا، سېھىرلىك داۋاكۆل» ساياھەتچىلىك تەشۋىقاتىنىڭ جايلارغا يەنىمۇ كەڭ تارقىلىش، قاپلىنىش دائىرىسىنى پائال كېڭەيتىپ، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر ساياھەتچىلىك ئۇنىۋېرسال كىرىمىنىڭ 289 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %125 ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر