باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە «باش نىشان چوڭ تەشۋىقاتى» پائالىيىتى باشلاندى

2016.11.01 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى) 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، «باش نىشان تەشۋىقات ئۆمىكى»نىڭ تۇنجى مەيدان تەشۋىقات پائالىيىتى ئاچتاغ يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ناھىيەدىكى ھەر قايسى ئورۇنلاردىن تاللانغان توققۇز نەپەر تەشۋىقاتچى «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى»نى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇجەسسەملىدى.

  شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى نېمە؟ ئەمەلى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا باش نىشاننى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؟ شۇ كۈندىكى تەشۋىقاتتا، تەشۋىقات ئۆمىكى ئەزالىرى نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايوننىڭ قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش-سەپەرۋەر قىلىش يىغىنى روھى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيە خىزمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلار بۇيىچە دېھقان- چارۋىچىلارغا تەشۋىقات تەربىيە ئېلىپ باردى. تەشۋىقاتتا ئومۇميۈزلۈك چۈشەندۈرۈش، تەپسىلىي بايان قىلىش ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش قاتارلىق شەكىللەر بۇيىچە ئاپتونوم رايوننىڭ قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش -سەپەرۋەر قىلىش يىغىنىنىڭ روھىنى قانداق چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، قانداق ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەپسىلىي شەرھلەپ، ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن خەۋەردار قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

  ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىدە، ناھىيەلىك مۆلجەرتاغ ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىستلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاقىدار باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىڭ روھى، يۈرۈشلۈك سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، تۈرلۈك شەكىلدىكى يېڭىدىن ئىجاد قىلغان سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ دېھقانلارغا ئېلىپ كەلگەن پايدىسىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈردى.

  بۇ قېتىمقى تەشۋىقات مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش، سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش ۋە سوئالغا جاۋاب بېرىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىپ، 15 كۈندە ناھىيەنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازار، كەنت، مەھەللىلىرىنى قاپلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى، شىنجاڭ خىزمىتىگە قاراتقان تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا قاراتقان تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ئاممىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر