باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

2016.11.01 14:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى «خەلق» سارىيىدا فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئايرائۇلت بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن ئايدا مەن زۇڭتۇڭ ئوللاند بىلەن خاڭجۇدا ناھايىتى ياخشى سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا يېڭىدىن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا قوللاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئاساسىي پىرىنسىپقا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئەنگلىيە خىنكلېي تۇمشۇقى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق چوڭ، مۇھىم تۈرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، مەنپەئەتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۆپەيتىپ، يەرلىك ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خادىملار ئارىسىدىكى بېرىش - كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە تونۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ئىشلاردا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، «پارىژ كېلىشىمى» ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات مەسىلىسى ۋە قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىغا باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە ئەھمىيەت بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى قەتئىي قوللاپ كەلدى، جۇڭگو - ياۋروپا تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. بىز فىرانسىيەنىڭ بۇ جەھەتتە تېخىمۇ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز. فىرانسىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئايرائۇلت مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن، جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى «پارىژ كېلىشىمى»نى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن قوشقان گەۋدىلىك تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىمەن. فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ قويۇق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلىشى تولىمۇ مۇھىم. فىرانسىيە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى پائال قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، خىنكلېي تۇمشۇقى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق چوڭ تۈرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سەھىيە - ساقلىق ساقلاش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق جەھەتتە ئىزدىنىپ، مائارىپ، كىنو - تېلېۋىزىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىجتىمائىي ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ. فىرانسىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ داۋاملىق جۇڭگونىڭ ئىشەنچلىك ھەمراھى بولۇشى كېرەكلىكىدە چىڭ تۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر