خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31- ئۆكتەبىر، قۇمۇل ئايرودۇرۇمىدا، يولۇچىلار جېڭجۇ-قۇمۇل-قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى قاتنىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاندىن چۈشتى. شۇ كۈنى، جېڭجۇ-قۇمۇل-قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ لىنىيەنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، يېڭى يىپەك يولى ئۈچۈن تېز ھەم قولايلىق بولغان بىر ھاۋا يولى كۆپەيتىلدى. مەزكۇر ھاۋا يولىنىڭ بارلىققا كېلىشى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى